ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر». تېكىست توغرا - مۇسلىم رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ كاتتا كەلىمىلەر بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى دەپ خەۋەر بەرگەن. «سۇبھانەللاھ» ئاللاھنى بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكلاش. «جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر»يەنى: ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەش. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق. ئاللاھۇ ئەكبەر يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بولسا ئاللاھ تائالاغا زېمىندىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر.
  • زىكىرنى كۆپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەجىر-ساۋاپ ۋە پەزىلەتلەر باردۇر.
  • دۇنيا مەنپەئەتى ئېتىبارسىزدۇر، ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇشى يوق بولغۇچىدۇر.