پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە، زىكىرنىڭ ئەۋزىلىنىڭ: لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئىكەنلىكىنى يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق دېمەكتۇر. دۇئانىڭ ئەۋزىلى بولسا: ئەلھەمدۇ لىللاھ دېمەكتۇر، چۈنكى ئۇ نېمەت بەرگۈچىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇ بولسىمۇ: مۇكەممەل، گۈزەل سۈپەتلەرگە ھەقلىق بولغان, ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.