نۇئمان ئىبنى بەشىر ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ئايرىم مال-دۇنيا بەرگەندە، نۇئماننىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېكىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭ دادىسىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ گۇۋاھ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. دادىسى بۇ بالىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۇ ئىشقا گۇۋاھ بولۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن مۇشۇ ئىشنى بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە قىلدىڭمۇ؟ دېۋىدى، دادام: ياق، دېدى. بۇنداق ئىشلاردا بالىلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش، ياكى بەزىسىنى بەزىسىدىن ئەۋزەل كۆرۈش، تەقۋالىقنى رەت قىلىدىغان ئامىلدۇر. ئۇنىڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر. چۈنكى ئۇ ئىش ئارقىلىق ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىشلار بارلىققا كىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: پەرزەنىتلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاندا، ئەۋزەل كۆرۈلمىگەن بالىنىڭ دادىسىدىن يىراقلىشىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ. دادا تەرىپىدىن ئەۋزەل كۆرۈلگەن بالا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆچ- ئاداۋىتىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ مۇشۇنداق بەزى ناچار تەرەپلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھتىن قورقۇڭلار! بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار! مېنى زۇلۇمغا گۇۋاھچى قىلمىغىن! دېدى ۋە ئۇنىڭغا كايىپ: بۇنىڭغا باشقا بىرسىنى گۇۋاھچى قىلغىن! دەپ بۇ ئىشتىن ئۇنى يىراقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال ئاۋۇ مالنى قايتۇرۇۋالدى، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىدىن ھالقىماسلىق ئادەتكە ئايلانغان ئىدى