بۇ ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن مەزىينىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. مەزىي دېگەن: ئىنساندا شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى ئەزاسىدىن چىقىدىغان شىلىمشىق، سۇيۇق ئاق سۇدىن ئىبارەت. مەزى چىققاندا قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراي دىسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن سوراشتىن ھايا قىلىدۇ. مىقداد بىن ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەۋرىتىنى يۇيىۋېتىپ تاھارەت ئالسۇن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.