رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھاجەتخانىغا كىرگەندىكى قائىدىلەرنى ئۈگۈتۈپ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تەرەت قىلغاندا قىبلىگە يەنى ئۇلۇغ كەئبە شىرىپقا ئالدىمىزنى قىلماسلىق ھەم كەينىمىزنىمۇ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ نامازدا ئالدىمىزنى قىلىدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جايدۇر. ئەگەردە ھاجەتخانا قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بولسا شەرىق ۋە ياكى غەرىپ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئولتۇرۇش كېرەك. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىتا، ساھابىلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى تىز ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا «مۇسۇلمان شۇنداق بولىشى كېرەك» ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى دېدىكى: ساھابىلار شامنى پەتھى قىلغاندا ھاجەتخانىلارنىڭ قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى، ئۇلار ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا قىيپاش ئولتۇرۇپ، بۇ قىلمىش ئۈچۈن ئىھتىيات يۈزسىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيىتتى