ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تازىلىق قىلىشى ۋە تەرەت ئېلىشى ئۈچۈن تىرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە باراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن تاش تېرىپ كېلىشكە، سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىنى ئەكەلمەسلىككە بۇيرىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە كىيىمىنىڭ پېشىگە تاش تېرىپ ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىدە تازىلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىدى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يېمەكلىكى ئىكەنلىكىنى، ئىراق بىلەن شام ئارىسىدىكى نەسىيبىين شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىمەكلىك سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قىلىپ بېرىشىنى سورىغانلىقىنى ئۇ جىنلارنى ماختاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن. سەھىھ مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇتلەق سۆڭەك دېمەستىن: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قېلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا يەتسە، ئۇ گۆشى بار ۋاقتىدىكىدىنمۇ گۆشلۈك بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكى بولىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان