ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قىز قېرىندىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسەنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۈستىگە چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە قاراپ قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گەپنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھاجەت قىلغاندا بەيتۇلمۇقەددەسكە قارىسا بولمايدۇ، دېگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇئەللىپ ئىككىنچى رىۋايەتنى كەلتۈردى، ئۇ: بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ، دېگەن ئىبارەتتۇر