پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ تەرەت بولسۇن ياكى كېچىك تەرەت بولسۇن ھاجىتىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا كېرىشنى مەقسەت قىلغاندا، ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيتتى، ئەركەك-چېشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاشنى تېلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلاتتى. بەزى ئالىملار:«خۇبسى ۋە خەبائىس»نى يامانلىق ۋە نىجاسەت دەپ ئىزاھلىغان.