پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەتكە ئالاقىدار بەزى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ھۆكۈملەردىن: بىرىنچى: تاھارەت ئالغان كىشى نەپەس بىلەن بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈپ ئاندىن بۇرنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سۇنى يەنە نەپەس بىلەن چېقىرىۋېتىدۇ. ئىككىنچى: ئۆزىدىن چىققان ئەزىيەتلەرنى سۇدىن باشقا تاش، چالما قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تازىلىماقچى بولغان كىشى ئۇ ئورۇننى تاق شەكىلدە يەنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم تازىلىشى كېرەك، يەنى نىجاسەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغانغا قەدەر تازىلايدۇ. ئۈچىنچى: كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئىككى قولىنى سۇ بار قاچىغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى قاچىنىڭ سىرتىدا سۇ قۇيۇپ ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە نەلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، قولىنىڭ پاكىزلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا شەيتان ئۇ كىشىنىڭ قولىنى ئوينايدۇ، قولىدا ئىنسانغا زىيانلىق ياكى سۇنى بۇزىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ.