explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى تاھارەت ئىكەنلىكىنى، ناماز ئادا قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك تاھارەت، ئۇيقۇ ياكى يەل چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تاھارىتى بۇزۇلغان بولسا تاھارەت ئېلىشىنىڭ ۋاجىپلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇسۇلمان كىشى جۇنۇپ بولسا يۇيۇنمىغۇچە، تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.
  • تاھارەت ئېلىش بولسا؛ ئېغىزىنى چايقاپ سۇنى چېقىرىپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلاپ ئۇنى چىقىرىدۇ، يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ.