پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن: ئاخشىمى ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپىسىگە كەلگەندە ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ دۇئا قىلغاندا كۆتۈرگەندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ ئازراق تۈپرۈك بىلەن يەڭگىل سۈپلاپ «ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس»سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىيلايتتى، بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلاتتى.