ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالساق بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر بىزنىڭ بىرىمىز كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن: ئايالى بىلەن بىريەردە بولسا، گەرچە سپېرما كەلمىسىمۇ ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئىشتا رۇخسەت بەردى، ئەمما بىر شەرت: بۇ چوڭ تاھارەتسىزلىكنى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن يەڭگىللىتىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاشۇنداق جۇنۇپلۇق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇخلىسا ھېچقىسى يوق