ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىكى بىر يولدا ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۇرەيرە جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ۋە بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنى توغرا كورمىدى. چاندۇرماستىن ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارغانلىقىنى سورغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەر بەردى، ناپاك ھالدا رەسۇلۇللاھ بىلەن سورۇنداش بولۇشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى ناپاك دەپ ئويلىۋالغانلىقىدىن، بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدى، ۋە: مۆمىن كىشى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ناپاك، نىجىس بولمايدۇ، دېدى