بەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ قوپاللىق، جاھىللق ئادەتلىرى بار بولۇپ، سەۋەب ئۇلار ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىنى ئۈگىنىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەسجىدىدە ساھابىلەر بىلەن ئولتۇرغاندا بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى، ئۇ، بۇ يەرنى سايلىققا ئوخشىتىپ قالغان ئىدى، مەسچىتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا قارىماي ئۇنىڭ قىلغان بۇ قىلىقى ساھابىلەرگە ناھايىتى ئېغىر كەلدى، ئۇلار ئۇنى تەرەت قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە توسماقچى بولدى، لىكىن بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى بولغان، خوش-بىشارەت ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى توسماسلىقنى دېدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەئرابىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتى ۋە مەسچىتنىڭ كۆپ يەرلىرىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قويىۋەتكەن، يەنە ئۇنى توسىۋالغان ئەھۋالدا سۈيدۈكىنى توختۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىيان يەتمەسلىكنى مەقسەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن نەسىھەت قىلسا ۋە تەلىم بەرسە ياخشى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان. ساھابىلەرنى نىجاسەت ئورنىنى سۈ بىلەن تازىلىۋىتىشكە بۇيرۇغان ئىدى