پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان: «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىگە رەھمەتنىڭ سەۋەپلىرىنى تەييارلاپ بېرىشنى سوراش، مەسچىتتىن چىققاندا: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن»دېگەن دۇئانى ئوقۇپ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى، ياخشىلىقنى زىيادە قىلىپ بېرىشنى ۋە ھالالدىن رىزىق قىلىپ بېرىشنى تىلەشنى تەلىم بەردى.