explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ناماز ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ساۋاپ جەھەتتە، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا زېمىندىكى ھەر قانداق مەسچىتتە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان ناماز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازدىن ئەۋزەلدۇر.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ھەرەم مەسچىتىدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولىدۇ.
  • ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق مەسچىتلەردە ئادا قىلىنغان يۈزمىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر.