ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىپ گۈزەل شەكىلدە قايتىدىن ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، چۈنكى قايتا بىنا قىلغاندا مەسچىتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياسالغان شەكىللىرى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. مەسچىتنىڭ تېمى قىش بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۈستى خورما شاخلىرى بىلەن يېپىلغان ئېدى، لېكىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتنى تاش ۋە گەج بىلەن ياساشنى مەخسەت قىلغان ئېدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىسنى سۆزلەپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەخسەت قىلىپ، رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشنى مەخسەت قىلماستىن مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ تۈرىدىن ياخشى بولغان مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇ مۇكاپات بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر قەسىر بىنا قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.