رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار، دەپ تەلىمات بېرىش ئارقىلىق مەسجىدنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ، مەسجىدنى بازارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىتىن چەكلەش مەقسەتتۇر. چۈنكى مەسجىد ئاخىرەتنىڭ بازىرىدۇر. كىم ئۇنى دۇنيانىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇنى جازالاش ۋە ئۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ۋە زىيان تارتىشقا دۇئا قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىش مەكرۇھ.