ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى، ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە كايىش نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالەتتە شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقا، ئۆزىنىڭ مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بار سورۇندا شېئىر ئوقۇغانلىقىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ۋە يەنە شېئىر ئوقۇشقا ئۈندىگەنلىكىگە شاھىت بولۇشنى سوراپ: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ، ئى ھەسسان! مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارنىڭ شائىرلىرىغا رەددىيە بەرگىن. ئۇلارنى شېئىر ئارقىلىق سۆكۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىپ ئۇنى مۇداپىئە قىلغىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا، ئۇنىڭغا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدىغان شېئىرلارنى ئىلھام قىلسىلا دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ دېگەندە، ئەبۇ ھۈرەيرە شۇنداق ئاڭلىغان ئېدىم. سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا شېئىر ئوقۇغان ئىدىڭ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، دېدى