پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ! دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن رەببىنى ئۇلۇغلاپ مۇنداق دەيتتى:« ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن»، تولۇق سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىدۇر، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت قىلىش ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىككى دۇنيادا ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى كۆپ بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا ياخشىلىق ئىگىسىدۇر.