پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى، يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: بۇ ئون كۈندىن باشقا ۋاقىتتا ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئەۋزەلمۇ ياكى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر ساۋابى ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەممە ئەمەللەردىن ئەۋزەل دېگەن ئۇقۇم ئورۇنلاشقان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇ ئون كۈننىڭ غەيرىدە قىلىنغان جىھادتىنمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى، لېكىن بىر كىشى ئاللاھ يولىدا مېلى بىلەن ئۆزىنى خەتەرگە تەييارلاپ جىھادقا چېقىپ، مېلىنى چېقىم قىلىپ ئۆزى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇشۇنداق قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن كاتتا بولىدۇ.