تۆگىنى ئىككى قېتىم سېغىش ئارىسىدىكى ۋاقىتچىلىك (يەنى تۆگىنى بىر قېتىم سېغىپ، ئاندىن بوتىلاقنىڭ ئېمىشى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم ساققىچە بولغان ۋاقىت) ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۈچۈن جەننەت ۋاجىب بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنىڭ يولىدا يارىلانغان بولسا، مەسىلەن: ئېتىدىن چۈشۈپ كېتىپ جاراھەتلەنگەن ياكى قىلىچ ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئازراق بولسىمۇ يارىلانغان بولسا، ئۇ قىيامەت كۈنى جاراھىتىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالەتتە كىلىدۇ، لېكىن قاننىڭ رەڭگى زەپەرنىڭ رەڭگىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئېسىل پۇراق بولغان ئىپار پۇرىقى تارايدۇ