رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھتىن قورقىغان ئادەم، كۆپۈنچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، گۇناھ مەئسىيەتتىن يىراق بولىدۇ. سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ، دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىشى مۈمكىن ئەمەس، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ، دېگەن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە زىت، قارمۇ قارشى، شۇنىڭدەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتمۇ بىر-بىرىگە زىت قارمۇ-قارشى، دېگەن مەنىدە