بۇ ھەدىس ئىككى يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋاپتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا تەڭ كىلىدىغان تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردىن بىرسى بارمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنى قىلالمايسىلەر»، يەنى: جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان ئەمەلنى ئادا قىلىشقا سىلەردە تاقەت يوق دېدى، ئۇلار سۇئالنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇنى قىلالمايسىلەر» دېدى، كىيىن ئۇلارغا قىلالمايدىغان شۇ ئىشىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ: بوشاشماي، ئۈزۈپ قويماي دائىم روزا تۇتۇش، نامازدا تۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىدى، بۇ ئىش ئىنساننىڭ قۇدرىتى يىتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلىۋىدىلا ئۇلارغا: «بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن ئىدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ساھابىلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىدا، قەدىر-قىممەتتە جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بىرىشىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تاپالمايمەن»، يەنى: «جىھادقا ئوخشايدىغان ياكى تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلنى تاپالمايمەن» دېدى. ئىككى سەھىھ كىتاپتا: «ئەتتىگەندە ياكى كەچ تەرەپتە ئاللاھ يولىدا چېقىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى» دېيىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مۇجاھىد چىققاندا مەسجىدىڭگە كىرىپ، بوشاشماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن»، يەنى: مۇجاھىد ئۆيىدىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەسجىدىڭگە كىرىپ، دائىم ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرۇپ، تۇختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن؟، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىردىنبىر جىھادقا تەڭ تۇرىدىغان ئەمەل » دېدى، ئۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىشى: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، يەنى: «كىم توختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالىسۇن؟، بۇ ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئىقتىدارىدىن يۇقىرى ئىش» دېدى