بۇ ئىككى ھەدىس، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ گەرچە ئەتتىگەن ياكى كەچتە دېگەندەك ئاز مىقداردا بولسىمۇ، شەكسىز ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا دۈشمەنگە قارشى سەبىر قىلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىپ كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش قانداق ئەۋزەل بولار-ھە! ئاللاھ يولىدا، دېگەنلىكتىن ئەسلى مەقسەت، قول بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئېلىشىشتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى: شەرئى بىلىملەرنى ئۆگنىش، ئاللاھ يولىدا بولغان جىھادنىڭ ئەڭ كاتتا بىر تۈرىدۇر. ھەقنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش، ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ قىلىدىغان ۋە ئۇنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغان دىنسىزلار، زىندىقلار ۋە غەربلىك خرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى قاتارلىقلار ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. جىھادتىن بولغان مەقسەت: ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىشتۇر. مۇناپىقلارنى جىم تۇرغۇزۇش، ئەڭ بۈيۈك جىھادتىنتۇر. ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسىلا!. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىسىگە ئەڭ يىقىندۇر ۋە دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر