ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئۇرۇشتىن قايتقانغىمۇ ئۇرۇش قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان پەزلى- ئېھسانى، ئۇلار ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندا خۇددى ئىبادەتنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقى، ئىبادەتنى ئادا قىلىپ قايتقاندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتىن قايتقان كىشىگىمۇ ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، خۇددى مەسچىتتىن قايىتقان كىشىگىمۇ مەسچىتكە ماڭغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن