بۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە ئاللاھنىڭ كاپالىتى بارلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىرگە ياكى ئىككىگە كىپىل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشى ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە، ھايات قالسا ساۋاپ ياكى غەنىمەت بىلەن، يەنى غەنىمەتسىز ساۋاپ ياكى ھەر ئىككىلىسى بىلەن قايتۇرۇشقا كېپىل بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى ھەدىسنى «ئۇمدەتۇل ئەھكام» نىڭ مۇئەللىىپى ئىمام مۇسلىمغا تۇتاشتۇرغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە جىھادنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان: مەسجىدكە كىرىپ، ناماز ئوقۇش، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشتەك ئىشلارنى ئىزچىل قىلىشقا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن