غازات قىلالايدىغان تۇرۇپ، ھاياتى ئاخىرلاشقىچە غازات قىلمىغان ۋە غازات قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرمىگەن، يەنى: جىھاد قىلىش ئىرادىسىگە كەلمىگەن كىشىدە مۇناپىقلىق ئالامىتى بولىدۇ. جىھادنىڭ سىرىتقى ئالامەتلىرىدىن بىرى غازات قۇرالىنى تەييارلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى» [سۈرە تەۋبە: 46-ئايەت]. «مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ» يەنى: مۇناپىقلىق تۈرلىرىنىڭ بىرىدە ئۆلىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۆلگەن كىشى جىھادتىن قالىدىغانلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشايدۇ، كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق مۆمىننىڭ جىھاد قىلىشنى نىيەت قىلىشى زۆرۈر. جىھاد قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولسا جىھاد قىلىدۇ، تولۇق بولمىسا تولۇقلانغىچە جىھاد نىيىتى بىلەن تەييار تۇرىدۇ