ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان كىشىنىڭ ئىككى پۇتى ئۇ يولدا توپىغا مىلەنسە، بۇ ئۇنىڭ دوزاختىن ساقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇخارىدا بايان قىلىنغان تېكىستتە: «كىم ئىككى پۇتىنى ئاللاھنىڭ يولىدا توپىغا مىلىسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ» دېيىلگەن