بۇ ھەدىستە ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ توختىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەمەس بەلكى ساغلام شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن كەيپىياتقا مۇۋاپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا ساياھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بەردى، زېمىندا ئىبادەت قىلىمەن دەپ سەيلى-ساياھەت قىلىش بولسا خرىستىئانلارنىڭ ئىشى بولۇپ، زېمىندا ساياھەت قىلىش دېگەن زېمىندا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بولىدۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ ساياھىتى بولسا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت