بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە ئۈزۈر ئېيتىپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئۇ كىشىگە ياردەم قىلغۇدەك بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، سورۇندا بولغان كىشىلەردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىنىڭ، ئېھتىياجلىق كىشىنى ھاجىتىگە باشلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپتا سەدىقە قىلغۇچىغا ئورتاق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.