بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش، جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بېرىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سائەتنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، قانداق بىر كىشى نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ، دەسلەپكى بىرىنچى سائەتلەردە نامازغا بارسا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۆگە قۇربانلىق قىلىپ سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارغان كىشى كالا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئۈچىنچى سائەتتە بارغان كىشى قوينىڭ ئەڭ ئېسىلى ۋە ياخشىسى بولغان مۈڭگۈزلۈك قوچقار قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، تورتىنچى سائەتتە بارغان كىشى توخۇ قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، بەشىنچى سائەتتە بارغان كىشى تۇخۇم سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئىمام خۇتبە ۋە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن چىققاندا بۇرۇن كەلگەنلەرنى يازىدىغان پەرىشتىلەر يېزىشتىن توختاپ مەسچىت ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. كېچىككەنلەر يۇقىرىدىكى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ قاتارىدا يېزىلمايدۇ