جۈمە كۈنى بولسا بىر يۇرۇتتىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋە توپلىنىدىغان بىر كۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر ھىكمەت بىلەن ئۇ كۈندىكى خۇتبىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇغان، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا قىزىقتۇرىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ خۇتبىنى مۇنبەردە ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى، ئۆرە تۇرۇپ ۋەئز -نەسىھەت ۋە تەلىم-تەربىيە قىلغاندا، ئىسلامنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ھەيۋىتىنى نامايەن قىلغىلى بولاتتى. بىرىنچى خۇتبىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىنىمۇ چارچاتماي، جامائەتنىمۇ مالال قىلماستىن، ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئولتۇرۇپ، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارسىنى بۆلىۋىتەتتى، ئاندىن تۇرۇپ ئىككىنچى خۇتبىنى سۆزلەيتتى