پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە خۇتبىسىگە ھازىر بولغان كىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان ئەدەپلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: كۆڭۇل قويۇپ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشاش، ۋەز نەسىھەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش، ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا باشقىلارغا: جىم تۇرۇڭ، خۇتبە تىڭشاڭ دېگەندەك سۆزنىمۇ قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا جۇمە نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.