مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلايدىغان تاكچىنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولغان بىر رەخت بىلەن پەردە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانلىقىدىن چېرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: قىيامەت كۈنىدە بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى دەرھال ئىنكار قىلىش كېرەك.
  • قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى گۇناھنىڭ كاتتىلىقى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ.
  • جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
  • ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ھارام بولىشى: سۈرەت سىزغۇچى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشىتىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن ئوخشاش.
  • ئىسلام پىرىنسىپى مال-مۈلۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆز يولىدا پايدىلىنىش، ئۇنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
  • ھەرقانداق شەكىلدە بولسۇن ھەتتا ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىگىمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چەكلىنىدۇ.