پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن گۇناھنىڭ كاتتىسىدىن سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى چوڭ شېرىكتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھقا ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك قىلىش، باراۋەر قىلىش ۋە ئوخشىشىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى سادىر قىلغۇچى تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ئەگەر ساھىبى تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى پىقىرچىلىقتىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە شېرىك بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلتۈرىۋېتىشىدۇر، بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ھارام بولۇپ، تۇغقاندارچىلىقى بولغان كىشىنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك قاتىلنىڭ مەقسىدى ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك بولىشىدىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈش بولسا بۇنىڭ جىنايىتى تىخىمۇ ئېغىردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ئۆزىنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتۇر، خوشنىسىنىڭ ئايالىنى گوللاپ، ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتۇر. ھەرقانداق يات ئايال بىلەن زىنا قىلىش ھارام بولسىمۇ لېكىن شەرىئەت ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ياخشى ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلغان خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.