بۇ ئۇلۇغ ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇ ئايەتلەردە يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ قىسىسىلىرى سۆزلەنگەن ئىدى. ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا: «ئۇلار ئالىملرىنى ۋە پەرزگاھ راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئالىملىرى چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنغان دېيىلگەن» بۇ ئايەتنىڭ مەنىلرىنى ئۇدەي ئىبنى ھاتەم چۈشىنەلمىگەن، ئۇ، ئىبادەت دېگەن رۇكۇئ ۋە سەجدىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: راھىب ۋە پوپلارغا ئىبادەت قىلىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى ھالدا قانۇن چىقارسا، ھالالنى ھارام قىلسا، ھارامنى ھالال قىلسا ئۇ ئىشلاردا بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى