بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ پاتىھە سۈرىسىنى نامازدا ئۆزەم بىلەن بەندەم ئارىسىدا تەقسىم قىلدىم، يېرىمى مەن ئۈچۈن ۋە يېرىمى بەندەم ئۈچۈن دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پاتىھەنىڭ بىرىنچى يېرىمى: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى مۇكاپاتلايدۇ. ئىككىنچى يېرىمى بولسا: ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغان ھاجىتىنى بېرىدۇ. ناماز ئادا قىلغۇچى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپىقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى، ماختىدى، مەخلۇقاتلىرىمغا ئاتا قىلىدىغان ئومۇمى نېمەتنىڭ مېنىڭدىن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دەيدۇ. «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى، بۇ چەكسىز شەرەپ دەيدۇ. «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر دەيدۇ. سۈرىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»دېگەن ئايەتكىچە بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتە يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېرىمى ئاخىرلىشىدۇ. سۈرىنىڭ بەندە ئۈچۈن بولغان ئىككىنچى يېرىمى بولسا: «سەندىنلا ياردەم سورايمىز» مەدەد، ياردەمنى ئاللاھتىنلا سوراش بولۇپ، ئاللاھ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بەندە: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەمدىن قىلىنغان دۇئا ۋە يالۋۇرۇشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن، تېلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن دەيدۇ».