پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.