سەلەمە ئىبنى يەزىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇيسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھەققىنى بەرمەيدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىدىغان، شەخسىيەتچى پادىشاھ، ھاكىملار ھەققىدە سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇددى بۇ سوئالنى ياقتۇرمىغاندەك، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى خالىمىغاندەك ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى. ئۇ كىشى سوئالنى قايتا سورىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ھاكىم پادىشاھلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە، ئۇلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرىدى