ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان سالىھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى، ئاجايىپ سۈپەتلەر ۋە يېقىملىق ئاۋازلاردىن قۇلاق ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدى، بۇ يەردە كۆرۈش بىلەن ئاڭلاشنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت: ھېسسى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئەزا بىلەن بىلىنىدۇ، ئەمما پۇراش ۋە تېتىش، سېلاش بىلەن بۇنىڭدىن ئازراق نەرسە بىلىنىدۇ. «ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان» يەنى: ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچمەيدۇ، جەننەتتە تەييارلانغان نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان خىيالىغا يېقىن نەرسىلەر كېلىدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان، ئاللاھ يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ئىززەت-ئىكرامىدۇر، مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار!، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت. ئايەتنىڭ مەنىسى: ھېچ كىم بىلمەيدۇ دېگەن ئايەت تونۇشسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاچغا بارلىق جانلىقلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان مول نېمەت، كۆپ ياخشىلىق، خۇرسەنلىك، لەززەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان، دۇئا قىلغان ۋە مەخپى قىلغان ئەمەللىرىنى ھېچ كىشى بىلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ مەخپى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان نېمەتلەرنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ» دېدى