پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دوزاخنىڭ ئىنسان كۆڭلى ئېشتىھا قېلىدىغان ھارام ئىشلار ياكى پەرز ئەمەللەرنى تەرك قىلىشتەك كەمچىللىكلەر بىلەن ئورالغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نەپسى-خائىشىغا ئەگەشكەن كىشى دوزاخقا ھەقلىق بولىدۇ جەننەت ئىنساننىڭ كۆڭلى خالىمايدىغان، ياقتۇرمايدىغان يەنى بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش، ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش، سەۋېرچان بولۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئورالغان، بۇ ئىشلاردا تېرىشچانلىق قىلىپ، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولىدۇ.