ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كېرىدۇ» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى سۆزلەشتىن ۋە ھارام زىناغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدىكەن، ئۇ كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە جەننەتكە كېرىدۇ