ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر بەردى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام : ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتنى ۋە جەننەتتىكى نېئمەت، ياخشىلىق، ئېسىل نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى جەننەتكە كېرىشنى ياقتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەتنى ۋە جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان قىيىن ئىشلارنى قىلىش ۋە كۆڭلى تارتىدىغان چەكلىمىلەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جەننەتكە كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى مۇشۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋەتكەندىن كېيىن: ئى جىبرائىل! بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتكە كېتىدىغان يوللاردىكى قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دىپ ئەنسىرەيمەن دېدى. ئاللاھ تائالا دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى : سەن دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ ئۇنىڭغا قارىدى. ئاندىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاختىكى ئازاب-ئوقۇبەت، دەرت-ئەلەملەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا كىرىشنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كېرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كوڭلى مايىل بولىدىغان سەۋەپلەر بىلەن ئورىدى، نەپسى شەھۋەتلىرى ئىختىيار قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا يېتىدىغان يول قىلدى، ئاندىن : ئى جىبرائىل! دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ قاراپ، قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاخ ئەتراپىدىكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان نەپسى مايىل بولىدىغان لەززەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى دوزاختىن قۇرتىلالمامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قورقۇۋاتىمەن دېدى.