پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا پەخىر قىلىش، ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش، ئۆزىنى مەنمۇ سىلەردەك ئالىم دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى نادانلارغا، ئەقىلسىزلەرگە خىتاب قىلىش، ئۇلارنى ئۆزىگە كۆرسىتىش ياكى سورۇنغا باش بولۇپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىش مەقسىدىدە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ رىيا قىلغانلىقى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى دوزاخقا لايىق بولىدۇ.