بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزگە مۇھىم تىبابەت قائىدىلىرىدىن بىرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كېسەلدىن ساقلىنىش قائىدىسى، كېسەلدىن ساقلىنىش تاماقنى ئاز يېيىش بىلەن بولىدۇ، بەلكى ئاچارچىلىقنى پەسەيىتكىدەك، كۈندۈلىك ھاياتىغا قۇۋۋەت بولغۇدەك يىيىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ، تويمايدىغان قورساقتىنمۇ يامانراق نەرسە يوق. توقلۇقتىن كۆپلىگەن ئاشكارا يۈشۈرۇن كېسەللەر كىلىپ چىقىدۇ. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر تاماقنى كۆپ يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن، كۆپ يىگەنلىكتىن نەپەس سىقىلىش ۋە ھورۇنلۇق كىلىپ چىقىپ، دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتا بوشاڭ بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ