بۇ ھەدىس شەرىپ بىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۇرىدۇ: كىمىكى مۇسۇلماندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر كىشنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە ياكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى ياپسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپات بىرىدۇ. بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىيىن ئشلاردا ياردەم بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇۋەپپەقىيەت قىلىدۇ، كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يول يۈرسە، زىكىر-تەسبىھ سورۇنلىرىغا بارسا، ئىلمىگە ئەمەل قىلىدىغان يىتىشكەن ئالىملارنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بارسا، بۇ ھەقتە مەنىۋى يوللارنىمۇ باسسا، خۇددى مۇزاكىرە قىلىش، قىرائەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ۋە پايدىلىق ئىلىملارغا مۇيەسسەر بولغاندا بۇ ھەقتە ئويلىنىشتەك، يەنى بۇ قەدەملەرنى ياخشى نىيەت ۋە ئىخلاس بىلەن باسسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىلىمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا خاتىرجەملىكنى، كەڭ رەھمىتىنى بىرىدۇ ۋە مالائىكىلەرنىڭ شۇلار بىلەن سورۇنداش بولۇش، ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك ماقامىدا ماختاش شەرىپىنى بىرىدۇ. ئاخىرەتتىكى شەرەپ؛ ئىنساننىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىش ۋە نەسىبى بىلەن بولماستىن بەلكى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ