ئەبۇ ئابدۇراھمان سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى. ھەسەن - ئەھمەد رىۋايىتى