ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شەھرىدىن شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىقسا، ئۇ كىشى ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ بولغىچە ئارىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشقا چىققان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ دىننى گۈللەندۈرۈش، شەيتاننى خار قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى چارچاتقان مۇجاھىدقا ئوخشاشتۇر