پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دۇئانى تەلەپ بولسۇن ياكى بىر نەرسە سوراش بولسۇن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى سوراش، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تىلەش كېرەك. دۇئا ئىبادەت بولغان ئىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن، قەلبى ئىبادەت ياكى بەدەنى ئىبادەت بولسۇن ياكى مالىي ئىبادەت بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».